-
2010-10-26
ئازاپنىڭ ھوزۇرى - [شىئېرلار]
ئازاپنىڭ ھوزۇرى
(شۆھرەت ئابلا)
ئازاپ چەككىلى قويغىن نىگارىم.
تېتىۋالاي مەنمۇ تەمىنى.
ۋىژدانىمنى تارتىپ سوراققا،
سۈرىۋالاي ھوزۇر پەيزىنى.
تونۇش ھەم ئوتلۇق شۇ سۆيگۈڭ بىلەن،
قەلبىمگە ھەرگىز بەرمە تەسەللى.
ئەقىدەڭنى دەپسەندە قىلغان،
نالە-زارىڭغا پەرۋا قىلمىغان
تاش يۈرەكنىڭ،
رەھمەت بىلەن ئالما جېنىنى.
كەچۈر، باغچىدىكى ياغاچ ئورۇندۇق.
ئارزۇ ئارماننىڭ، غايىلىرىمىزنىڭ...
گۇۋاھچىسى ئىدىڭ.
كەچۈر، تولۇن ئاي.
شېرىن سۆزلەرنىڭ، ئوتلۇق ۋەدىنىڭ...
گۇۋاھچىسى ئىدىڭ.
كەچۈرگىن يامغۇر،
يىنىك قەدەمنىڭ، رومانتىكلىقنىڭ...
گۇۋاھچىسى ئىدىڭ.
كەچۈرگىن ئۆتمۈش،
ئېغىر كۈنلەرنىڭ، تاتلىق ھېسلارنىڭ...
گۇۋاھچىسى ئىدىڭ.
مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن.
كەل ھىجران...
ئاسىي بولۇپ نومۇسۇمنى سات.
تىكەن بولۇپ يۈرەككە سانجىل،
زەھەر بولۇپ باغرىمنى كۆيدۈر،
دوۋزاق بولۇپ جىسمىمنى تاۋلا.
قىيامەتنىڭ سورىقى كەبى،
ھېساب ئالاي بىۋاپالىقىمدىن.
ئازاپ چەككىلى قويغىن نىگارىم،
كۆيۈپ قالدىم ھىجرانلىرىمغا.
سۆيگۈسىگە قېنىۋالاي مەن،
يايرىم سۆيگۈڭگە قانغانغا ئوخشاش.
ھىجراننى باغرىمغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ،
ساڭا مەڭگۈ بەخت تىلەيمەن.
توي قىلىشقا پۈتۈشتۇق تېخى،
قۇتلۇق تويۇڭنىڭ ئەشۇ كېچىسى.
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى (ئۈرۈمچى)